Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 49 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


49-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئەي جاھان ئەھلى قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقلەر ياخشى ئاڭلاڭلار.

2 ئېسىلزادە ياكى ئاددىي ئادەم بولسۇن، باي ۋە نامرات ھەممىسى قۇلاق سالسۇن.

3 بايان ئەيلەي ھېكمەتكە تولغان دۇردانىلارنى، چۈشەندۈرەي قەلبىمدىكى چوڭقۇر ئويلارنى.

4 دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە.

5 مەن نېمىشقا قورقۇپ يۈرەي كۈلپەت كەلسە بېشىمغا، رەقىبلىرىمنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى ئەتراپىمنى قاپلاپ تۇرسا؟!

6 مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار.

7-9 قېرىندىشى ئۈچۈن ھېچكىم خۇداغا بەدەل تۆلىيەلمەس، قېرىندىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەش مۇمكىن ئەمەس، باھاسىزدۇر ئىنسان ھاياتى، سېتىپ ئالغىلى بولماس. قۇتقۇزالماس ھېچكىم ئۆلۈمدىن قېرىندىشىنى، مەڭگۈ ياشاپ، گۆر ئازابىنى كۆرمەسلىكىنى.

10 بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى، نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى. ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى.

11 گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە. تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە.

12 بايلىقى بولسىمۇ مەڭگۈ ياشاۋەرمەس ئىنسان، ھايۋانغا ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ ھامان.

13 مۇشۇنداق بولار ئاقىۋىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەخمەقلەرنىڭ، ئۇلارغا ئەگىشىپ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلارنىڭ. سېلاھ

14 پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.

15 لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ

16 بىسەرەمجان بولما بىرەرسى بېيىپ كەتسە، ئائىلىسىنىڭ مال ۋە مۈلكى كۆپەيسە.

17 ھېچنېمىسىنى ئېلىپ كېتەلمەس ئۇ ئۆلگەندە، بىللە بولماس مال ۋە مۈلكى قەبرىسىدە.

18 بەختلىك ھېس قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھايات چېغىدا، كىشىلەر ماختىسىمۇ ئۇ روناق تاپقىنىدا،

19 كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا.

20 چۈشەنمەس بايلىقى بار ئىنسانلار بۇنى، ھايۋانغا ئوخشاش ئۆلىدىغانلىقىنى بىر كۈنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan