Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


48-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات

1 ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە.

2 بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ.

3 خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ، قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ.

4 بىر يەرگە يىغىپ قوشۇنلىرىنى پادىشاھلار، ماڭغانىدى جەڭ قىلماق بولۇپ ئۇلار.

5 لېكىن، ئۇلار كۆرۈپلا شەھەرنى بولدى ئالاقزادە، ئارقىسىغا بەدەر قېچىشتى چۈشۈپ ۋەھىمىگە.

6 تىترەك بېسىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، قىينالدى تولغاق يىگەن ئايال كەبى.

7 ئى خۇدا، چىقىرىپ شەرق شامىلىڭنى، ۋەيران قىلدىڭ «تارشىشنىڭ كېمىلىرى»نى.

8 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _ خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا. خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە. سېلاھ

9 ئى خۇدا، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە، چوڭقۇر ئويلاندۇق مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ھەققىدە.

10 ساڭا بېغىشلانغان مەدھىيەلەر، ئى خۇدا، خۇددى نامىڭدەكلا تارالدى كەڭ جاھانغا.

11 ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن، خۇش بولسۇن سىئون تېغى، شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى.

12 ئەي خۇدانىڭ خەلقلىرى، زىيارەت قىلىڭلار يېرۇسالېمنى. ئايلىنىپ كۆرۈپ ئۇنى، ساناپ چىقىڭلار مۇنارلىرىنى.

13 كۆزىتىپ چىقىڭلار سېپىللىرىنى، كۆزدىن كەچۈرۈڭلار قەلئەلىرىنى، بايان قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلارنى.

14 بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە، ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan