Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 47 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


47-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار.

2 چۈنكى بۈيۈك پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر، ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار ئۇلۇغ پادىشاھتۇر.

3 باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى، ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى.

4 نېسىۋە قىلىپ بىزگە تاللاپ بەردى بۇ يەرنى، ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى. سېلاھ

5 ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا، چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا ساداسىدا ئۆز ئورنىغا.

6 كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا، كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا.

7 چۈنكى پۈتكۈل جاھانغا پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، مۇناجاتلار ئېيتىپ ئۇنى كۈيلەڭلار.

8 ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە.

9 يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە، بەرھەق، خۇداغا تەۋەدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھلىرى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، جاھان ئەھلى ئۇلۇغلار ئۇنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan