Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


46-مۇناجات
كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، «ئالاموت» ئاھاڭىدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.

2-3 ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا، تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا. دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ، تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ، بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ

4 باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا.

5 شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.

6 گۇمران بولدى شاھلىقلار، غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر. جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.

7 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ

8 كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى.

9 توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.

10 دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»

11 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan