زەبۇر 45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى45-مۇناجات كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇھەببەت ھەققىدىكى تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «نېلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى. 2 ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا. 3 ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى، ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى. 4 زەپەر قۇچقىن ھەيۋەت بىلەن ئات ئۈستىدە، قوغدىغىن كەمتەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى، غايەت زور ئىشلارنى قىل قۇدرىتىڭدە. 5 ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ، دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ. 6 ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، سەلتەنەت ھاساڭ، ئادالەت ھاسىسىدۇر. 7 ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى، شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى. ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى. 8 ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ، شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ. پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى، يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى. 9 شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا. 10 تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە. 11 پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا، خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا. 12 تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر، ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار. 13 نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا، كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا. 14 پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرىلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە، ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە. 15 باشلاپ كېلىنىدۇ ھەممىسى خۇشال ھالدا، كىرىشىدۇ ئۇلار پادىشاھ سارىيىغا. 16 ئىزىنى باسار ئوغۇللىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ، شاھزادىلىرى قىلىسەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھاننىڭ. 17 ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى، ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti