زەبۇر 44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى44-مۇناجات كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى. 2 ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى. 3 ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن، غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن. بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن، ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن، چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن. 4 ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن، ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن. 5 ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى، قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى. 6 ئىشەنچىم يوقتۇر ئۆز ئوقيايىمغا، شەمشىرىم ئېرىشتۈرەلمەس مېنى ئۇتۇققا. 7 غەلىبە قىلغۇزدۇڭ رەقىبلىرىمىز ئۈستىدىن بىزنى، شەرمەندە قىلدىڭ بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەرنى. 8 ھەر دائىم پەخىرلىنىپ تەرىپلەيمىز سېنى، ئى خۇدا ئەبەدىي مەدھىيەلەيمىز نامىڭنى. سېلاھ 9 بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە، چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە. 10 مەغلۇپ قىلدىڭ بىزنى رەقىبلىرىمىز ئالدىدا، بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەر بۇلىدى بىزنى شۇ ھالدا. 11 بىزنى قوي كەبى تۇتۇپ بەردىڭ بوغۇزلاشقا ئۇلارغا، چېچىۋەتتىڭ بىزنى ھەم يات خەلقلەر ئارىسىغا. 12 ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى، قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى. 13 قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە. 14 يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى، مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى. 15-16 نومۇسقا قالغانلىقىم تۇرار كۆز ئالدىمدا، شەرمەندىچىلىك باردۇر مېنىڭ بوينۇمدا. چۈنكى رەقىبلەر ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تىل-ئاھانەتلىرى دائىم يېتەر قۇلىقىمغا. 17 بېشىمىزغا چۈشتى بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنتۇمىغان بولساقمۇ گەرچە سېنى، ياكى بۇزمىغان بولساقمۇ ئەھدەڭنى. 18-19 سەن نۇسرەت ئاتا قىلماي ئەزدىڭ بىزنى، خارابىدە ياردەمچىسىز قالدۇردۇڭ خەلقىڭنى. گەرچە قايتمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز، چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز. 20 ئەگەر بىز ئىگىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، قول كۆتۈرۈپ يات ئىلاھقا دۇئا قىلغان بولساق، 21 ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى. 22 ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز. 23 ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟ تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا! 24 نېمىشقا يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى، نېمىشقا كۆرمەيسەن ئېزىلىش، كۈلپەتلىرىمىزنى؟ 25 پايخان بولدى ئار-نومۇسىمىز، مىلەندى چاڭ-تۇپراققا تېنىمىز. 26 كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti