زەبۇر 43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى43-مۇناجات 1 ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى. 2 باشپاناھىم تۇرۇپ ئى خۇدا، تەرك ئېتىسەن مېنى نېمىشقا؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟ 3 چاچقىن نۇرۇڭنى، كۆرسەت ھەقىقىتىڭنى، يېتەكلىسۇن ئۇلار مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ئېلىپ بارسۇن ئۇچرىشىش جايىمىزغا. 4 قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا. 5 ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti