زەبۇر 41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى41-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 بەختلىكتۇر غېرىبلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئۇنى. 2 ھاياتىنى ساقلايدۇ، قوغداپ ئۇنى پەرۋەردىگار، خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايدۇ ئۇ بەختىيار، رەقىبلىرىنىڭ مەيلىگە تاشلىماس ئۇنى زىنھار. 3 ساقسىز بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا، پەرۋەردىگار يۆلەك بولۇپ، قۇۋۋەت بېرەر ئۇنىڭغا، شىپالىق بېرەر كېسەل بولغان چاغلىرىدا. 4 ئىلتىجا قىلدىم خۇداغا: ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىلىپ ماڭا، ساقايتقىن مېنى، گۇناھ قىلىپ، قارشى چىققان بولساممۇ ساڭا. 5 رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.» 6 ئۇلاردىن بىرەرسى كېلىپ يېنىمغا، يالغان سۆزلەرنى ئېيتار ماڭا. كۆڭلىدە توپلاپ مەن ھەققىدە غەيۋەتنى، يېنىمدىن چىقىپلا يايار ئۇلارنى خالايىققا. 7 مەن ھەققىدە پىچىرلىشار ماڭا ئۆچلەر، زىيانكەشلىك قەستىدە مۇنداق دېيىشەر: 8 «يامان كېسەل چاپلىشىپتۇ ئۇنىڭغا، ياتقان ئورنىدىن تۇرالماس ئۇ ئەمدى ئەسلا.» 9 ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ. 10 ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ماڭا شەپقىتىڭنى، تۇرغۇزغايسەن ئورنۇمدىن مېنى، شۇندا ئۇلاردىن ئالالايمەن ئەنتىمنى. 11 غەلىبە قىلغۇزمىدىڭ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى، بىلدىم شۇنىڭدىن، مەندىن خۇش ئىكەنلىكىڭنى. 12 دىيانەتلىك بولغىنىم ئۈچۈن يۆلەك بولىسەن ماڭا، مەڭگۈ تۇرغۇزىسەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا. 13 مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا، مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti