زەبۇر 40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى40-مۇناجات 1 سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى. 2 تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى. 3 پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى. 4 بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا، چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا، يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا. 5 ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ. 6 ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى. 7 شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا، پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا. 8 ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.» 9 زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى. 10 يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى. 11 ئى پەرۋەردىگار، ئايىمىغىن مەندىن شەپقىتىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ھەقىقىتىڭ ساقلىغاي مېنى. 12 چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى. 13 ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى. 14 جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ. 15 مىيىقىدا كۈلگەنلەر قىلىپ مېنى مەسخىرە، ئەندىشە ئىچىدە بولسۇن شەرمەندە. 16 ساڭا تەلپۈنگۈچى بارلىق كىشىلەر، سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەر دائىم: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن! 17 بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti