زەبۇر 4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا، ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا. مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا. 2 ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ سېلاھ 3 بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى. 4 خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ 5 چىن دىل بىلەن قىلىڭلار قۇربانلىقلارنى، پەرۋەردىگارغا باغلاڭلار ئىشەنچىڭلارنى. 6 سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە. 7 زىيادە خۇشال قىلدىڭ كۆڭلۈمنى، شۇنچە مول بولغانلاردىنمۇ ئاشلىق ۋە شارابلىرى. 8 ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti