زەبۇر 39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى39-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يىدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.» 2 گەرچە كېرەك بولسىمۇ سۆزلىشىم، سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ئەمما مېنىڭ ئېشىۋەردى ئازابىم. 3 زەرداب بولۇپ قاينىدى باغرىم، ئويلىغانچە كۆيدى يۈرىكىم. ئاخىر بولماي مۇنداق دېدىم: 4 «ئى پەرۋەردىگار، چۈشىنەي ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى، كۈنلىرىمنىڭ ساناقلىق قالغانلىقىنى. بىلىپ قالاي ئۆمۈرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى.» 5 بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سېلاھ 6 سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى. 7 ئى پەرۋەردىگار، نېمىنى كۈتەي ئەمدى؟ ئۈمىدىم پەقەت سەندىلا قالدى. 8 ساقىت قىلغىن گۇناھلىرىمنى، ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قويما مېنى. 9 سۈكۈت قىلىپ ئاچمايمەن ئاغزىمنى، چۈنكى، ئادىلدۇر جازالىشىڭ مېنى. 10 توختاتقايسەن ئەمدى جازالىشىڭنى، كۆتۈرەلمەس تېنىم قولۇڭنىڭ زەربىسىنى. 11 گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. سېلاھ 12 ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا. 13 غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا، ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمىلەي شادلىققا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti