زەبۇر 38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى38-مۇناجات داۋۇت يازغان خاتىرە مۇناجىتى 1 ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە. 2 كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ، باستى مېنى قوللىرىڭ. 3 غەزىپىڭدىن يۈرەك-باغرىم يارا بولدى، گۇناھىمدىن تېنىم مېنىڭ پارە بولدى. 4 غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە، سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە. 5 يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى جاراھىتىم، سەۋەب بولدى بۇنىڭغا نادانلىقىم. 6 بەللىرىم پۈكۈلدى قەددىم مۈكچىيىپ، كۈنبويى يۈرىمەن قايغۇغا پېتىپ. 7 ئاغرىماقتا كۆيۈپ پۈتۈن بەدىنىم، تېنىمدە قالمىدى ھېچبىر ساق يېرىم. 8 تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ، ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ. 9 ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا، ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا. 10 يۈرىكىم جىغىلداپ ھالى كەتتى، ھەتتا كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى. 11 يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن. 12 تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار. 13 ھېچنېمىنى ئاڭلىمايمەن گاس ئادەمدەك، ھېچبىرىگە سۆز قىلمايمەن گاچىلاردەك. 14 شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن، رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن. 15 ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمنى باغلىدىم ساڭا، ئى ئىگەم، ئىلاھىم جاۋاب بېرىسەن ماڭا. 16 تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار، تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار. 17 يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا، ئازاب ھەمراھدۇر دائىم ماڭا. 18 ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا، پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا. 19 دۈشمەنلىرىم سەگەك ھەم كۈچلۈكتۇر، سەۋەبسىزلا ماڭا ئۆچلەر شۇنچە كۆپتۇر. 20 ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار، توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار. 21 ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي مېنى تاشلىما، ئى ئىلاھىم، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا. 22 ئى ئىگەم، نىجاتكارىم، قىلغىن ماڭا تېزدىن ياردەم. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti