Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 37 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


37-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات

1 رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما، يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما.

2 چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تىزلا، مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا.

3 ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.

4 شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.

5 ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.

6 تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى، چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى.

7 سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.

8 يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى، بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى.

9 زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار، ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.

10 پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى، يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى.

11 لېكىن كەمتەرلىك بىلەن خۇداغا تايىنىدىغانلار، زېمىنغا ئىگە بولۇپ، مول بەرىكەتتىن ھۇزۇرلىنار.

12 رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.

13 ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.

14 يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.

15 ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.

16 قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.

17 سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.

18 پەرۋەردىگار كۆڭۈل بۆلەر پاك ئىنسانلارغا، بېرىلگەن زېمىنى مەڭگۈ قالار ئۇلارغا.

19 يەرگە قاراپ قالماس ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە، توق يۈرۈيدۇ قەھەتچىلىكتە.

20 بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.

21 قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر، ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار.

22 زېمىنغا ئىگە بولار پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنلەر، زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلار ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچۇرغانلار.

23 خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار.

24 يۆلەپ تۇرغاچقا ئۇنى پەرۋەردىگار، پۇتلاشسىمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرار.

25 ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى، كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى.

26 شەپقەتلىك بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆتنە بېرەر، پەرزەنتلىرىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلەر.

27 ياخشىلىق قىلغىن، تاشلا يامانلىقنى، ماكان قىلىسەن مەڭگۈگە خۇدا بەرگەن زېمىننى.

28 چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.

29 ھەققانىيلار ئىگە بولار زېمىنغا، ماكان تۇتۇپ مەڭگۈ ياشار ئۇنىڭدا.

30 ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرى دانا بولۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇر.

31 قەلبىدىن ئورۇن ئالغاچ خۇدانىڭ تەلىملىرى، شۇڭا خاتا بېسىلماس قەدەملىرى.

32 ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.

33 پەرۋەردىگار قالدۇرماس ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىغا، ھەم قارشى ھۆكۈممۇ چىقارغۇزمايدۇ ئۇلارغا.

34 تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى، ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى. كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى.

35 كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى.

36 ئەمما ئۆتۈپ كەتتى ئۇ، يوق بولدى قارا، ئۇنى ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن قايتا.

37 پاك ئادەملەرگە باق، كۈزەت دۇرۇسلارنى، تىنچلىقنى سۆيگەنلەرنىڭ بولىدۇ ئىستىقبالى.

38 بىراق، ئىتائەتسىزلەر قىرىلىپ تۈگەر، رەزىللەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەر.

39 پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.

40 قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan