زەبۇر 36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى36-مۇناجات پەرۋەردىگارنىڭ بەندىسى داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 بىر چۈشەنچە ئايان بولدى قەلبىمگە، رەزىللەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ھەققىدە. خۇدادىن قورقۇش يوقتۇر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە. 2 ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتار ئۇلار مەغرۇرلۇقتا، تونۇماس گۇناھلىرىنى ھەتتا، نەپرەتلەنمەس ئۇلاردىن ئەسلا. 3 ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن. 4 رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى. 5 ئى پەرۋەردىگار، مۇھەببىتىڭ ئەرش كەبى بۈيۈكلۈكتە، ۋاپادارلىقىڭ ئاسمان-پەلەك چەكسىزلىكىدە. 6 ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا. 7 بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا. 8 قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن، بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن. 9 چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن، كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن. 10 ئايرىلمىغاي مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ سېنى تونۇغانلاردىن، ئايرىلمىغاي ئادالىتىڭ قەلبى پاكلاردىن. 11 دەسسىمىسۇن مېنى تەكەببۇرلار، قوغلىمىسۇن مېنى رەزىللەر. 12 قارا مانا، غۇلاپ چۈشتى يامانلىق قىلغۇچىلار، يىقىتىلدى، ئەمدى تۇرالماس ئۇلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti