زەبۇر 35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى35-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا. 2 قالقانلىرىڭنى ئېلىپ قولۇڭغا، ياردەم قىلغىن كېلىپ يېنىمغا. 3 ئايپالتا ۋە نەيزەڭ بىلەن توسۇۋالغىن مېنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، «مەن سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ» دەپ ماڭا، رىغبەتلەندۈر روھىمنى. 4 جېنىمنى ئالماق بولغانلار، شەرمەندە بولغاي، رەسۋا بولۇپ. ماڭا سۇيىقەست قىلىۋاتقانلار، يانسۇن كەينىگە، قارا يۈز بولۇپ. 5 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي. 6 قوغلىۋەتكەي ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، قاراڭغۇ ھەم تېيىلغاق بولغاي ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرى. 7 ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇرۇپ سەۋەبسىزلا، ئالماق بولدى جېنىمنى كولاپ ئورا. 8 تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا. 9 شادلىنارمەن شۇندا مەن پەرۋەردىگاردىن، بولارمەن خۇشال ماڭا بەرگەن نىجاتلىقىدىن. 10 دەيمەن چىن قەلبىمدىن: «ئى پەرۋەردىگار، تەڭ كېلەر كىممۇ ساڭا؟ ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەردىن قۇتقۇزغۇچى پەقەت سەنلا، ئېزىلگەن، موھتاجلارنى زالىملاردىن قوغدايدىغان يەنە سەنلا.» 11 ئوتتۇرىغا چىقىپ نىيىتى يامان گۇۋاھچىلار، خەۋىرىم يوق ئىشلارنى سوراپ سوراق قىلار. 12 ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرۇپ ئۇلار، ئىچ-ئىچىمدىن مېنى ئازابتا قالدۇرار. 13 ماتا كىيدىم قايغۇرۇپ، ئۇلار كېسەل بولغاندا، كەمتەر بولۇپ روزا تۇتتۇم، ئۇلار ئۈچۈن قىلدىم دۇئا، جاۋابسىز قالدى لېكىن دۇئالىرىم ھەر زامان. 14 قايغۇردۇم قېرىندىشىم ياكى دوستۇم ئۈچۈن ئازابلانغاندەك، مەيۈسلەندىم خۇددى ئانىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتقان ئادەمدەك. 15 پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا، جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا. ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا، مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا. 16 نومۇسسىزلارچە مەسخىرە قىلىشىپ مېنى، خىرىس قىلىشىپ، غۇچۇرلاتتى چىشلىرىنى. 17 ئى پەرۋەردىگار، قاراپ تۇرارسەن قاچانغىچە؟ قۇتقۇز مېنى ياۋۇزلارنىڭ زەربىسىدىن، ئەزىز جېنىمنى قانخور شىرنىڭ ئېغىزىدىن. 18 تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا جامائەت ئالدىدا، مەدھىيەلەيمەن سېنى تەقۋادارلار ئارىسىدا. 19 زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار. 20 شۈبھىسىزكى، ئېلىپ قويماس ئۇلار ئىناقلىقنى ئېغىزلىرىغا، بەلكى تۈزەر شۇم پىلانلار تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغانلارغا. 21 ۋارقىرىشار ئۇلار ماڭا چوڭ ئېچىپ ئېغىزلىرىنى: «ۋاي، كۆردۇق ئۆز كۆزىمىز بىلەن قىلمىشلىرىڭنى.» 22 ئى ئىگەم، كۆردۈڭ ئۇلارنى، سۈكۈت قىلمىغىن، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشمىغىن. 23 ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى. 24 ئى پەرۋەردىگار، ئىلاھىم ئادالىتىڭدە ئاقلىغىن مېنى، مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە يول قويمىغىن دۈشمەنلىرىمنى. 25 يول قويمىغىن، «ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېيىشكە ئۇلارنى، يول قويمىغىن، «بىز ئاخىر يۇتۇۋالدۇق ئۇنى» دەپ ماختىنىشقا ئۇلارنى. 26 كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار، غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي. مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار، رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي. 27 گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا. 28 بايان ئەيلەر تىلىم ئادالىتىڭنى، كۈنبويى مەدھىيەلەيمەن سېنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti