Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


34-مۇناجات
داۋۇت ساراڭ بولۇۋالغاچقا، ئابىمەلەك پادىشاھ تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن. داۋۇت ئۇشبۇ مۇناجاتنى شۇ ۋەقەلەرنى ئەسلەپ يازغان.

1 تەرىپلەيمەن ھەر دائىم پەرۋەردىگارنى، چۈشۈرمەسمەن ئاغزىمدىن مەدھىيەلەشنى.

2 چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا، ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا.

3 مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى.

4 ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى.

5 نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا.

6 پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.

7 ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى.

8 ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى، شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى.

9 پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىڭلار، ئەي ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلارنىڭ كەم بولماس ھېچ نەرسىسى.

10 ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار، ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار.

11 كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە.

12 كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى، بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،

13 تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن، چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.

14 يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق، ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق.

15 پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا.

16 يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.

17 قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار.

18 مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار.

19 كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار.

20 ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى، ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى.

21 ئۆلۈم ئېلىپ كېلەر ئۆزلىرىگە رەزىللەرنىڭ قىلمىشلىرى، جازالىنار ئۆچ كۆرگەنلەر ھەققانىيلارنى.

22 قۇتقۇزار تەقۋادارلىرىنىڭ ھاياتىنى پەرۋەردىگار، كىمكى ئۇنى پاناھ قىلسا جازادىن خالىي بولار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan