زەبۇر 33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى33-مۇناجات 1 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار شادلىقتا، ئۇنى مەدھىيەلەش يارىشار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا. 2 لىرا چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار پەرۋەردىگارغا، كۈي چېلىڭلار ئون تارلىق چىلتاردا ئاتاپ ئۇنىڭغا. 3 يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا، شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار، چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا. 4 چۈنكى، ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى، ساداقەتلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى. 5 ئۇ سۆيەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى، تولدۇرغاندۇر زېمىنغا مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى. 6 يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا. 7 چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا، ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا. 8 ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار، قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار. 9 چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى. 10 بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى. 11 ئەمما مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ قارارلىرى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەمەلگە ئاشار مەقسەتلىرى. 12 پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر. 13 ئەرشتىن نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار، جىمىكى ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرار. 14 تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇدا، نەزەر سالار ئىنسانلارغا. 15 خۇدا ياراتقاچ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى، بىلىپ تۇرار ئۇلارنىڭ جىمى ئىشلىرىنى. 16 پادىشاھ غالىب بولالماس قوشۇنىنىڭ بۈيۈكلىكى بىلەن، پالۋان قۇتقۇزالماس ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن. 17 ئەخمەقلىقتۇر قۇتۇلىمەن دېيىش مەغلۇبىيەتتىن ئات بىلەن، قۇتقۇزالماس ھېچكىمنى ئات قارا كۈچى بىلەن. 18 بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا. 19 قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن، ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن. 20 پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتىمىز، ئۇدۇر بىزنىڭ مەدەتكار، قالقىنىمىز. 21 شادلىنار ئۇنىڭدىن قەلبىمىز، چۈنكى، مۇقەددەس خۇداغا ئىشەنچ باغلىدۇق بىز. 22 ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti