Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


32-مۇناجات
داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات

1 نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار، ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار.

2 نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار.

3 ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا، يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ، چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا.

4 ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا، ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. سېلاھ

5 ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ

6 شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.

7 ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ

8 ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.

9 ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا.

10 دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.

11 ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار، ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan