زەبۇر 31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى31-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. 1 ئى پەرۋەردىگار، تاپارمەن سەندىن پاناھ، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن دائىما. 2 قۇتقۇز تېزدىن مېنى، قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، پاناھلىناي مەن سەندە، قورام تاش بولغىن ماڭا، قۇتقۇزۇشقا جېنىمنى قورغان بولۇپ بەرگىن ماڭا. 3 بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ، يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ. 4 دۈشمەنلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ساقلىغايسەن، چۈنكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. 5 ئى پەرۋەردىگار _ ۋاپادار خۇدا، تاپشۇردۇم روھىمنى قولۇڭغا، تەييارسەن ئۆزۈڭ مېنى قۇتقۇزۇشقا. 6 ئۆچ كۆرىمەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، باغلىغانمەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنچىمنى. 7 مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ شاد-خۇرام قىلار مېنى، بەرھەق، كۆردۈڭ جاپالىرىمنى، بىلىپ يەتتىڭ ئازابلىرىمنى. 8 مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا. 9 ئى پەرۋەردىگار، قىلغايسەن ماڭا رەھىم، چۈنكى، مەن كۈلپەتتە قالدىم، دەرد-ئەلەمدىن خىرەلەشتى كۆزلىرىم، ئاجىزلاپ كەتتى ھەم روھىم، تېنىم. 10 ئۇپرىماقتا ھەسرەت بىلەن ھاياتىم، غەم-قايغۇدا تۈگىمەكتە يىللىرىم، ماغدۇرۇم كەتمەكتە گۇناھلىرىم دەستىدىن، قۇرۇپ، قاقشال بولماقتا ئۇستىخان، يىلىكلىرىم. 11 قالدىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ھاقارىتىگە، ھەتتا قوشنىلىرىمنىڭ ئاھانىتىگە. بولدۇم مەن تونۇشلىرىمغا بىر ۋەھىمە، قاچار ئۇلار كوچىدا مېنى كۆرسە. 12 ئۇنتۇلدۇم مەن خۇددى ئۆلگەن ئادەملەردەك، تاشلاندىم بەئەينى سۇنغان ساپال قاچىلاردەك. 13 ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى. 14 ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.» 15 ھاياتىم ئىلكىڭدىدۇر پەقەت سېنىڭ، چاڭگىلىدىن قۇتقۇز مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ _ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ. 16 چۈشۈرگىن قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ نۇرىنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇزغىن مېنى. 17 ئى پەرۋەردىگار، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، چۈنكى مەن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا. رەزىللەر بولغاي شەرمەندە، زۇۋانى تۇتۇلۇپ بارغاي گۆرگە. 18 ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ، چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ. 19 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، ئىلتىپاتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر ئۇلارغا. ئاتا قىلىسەن نېمەتلىرىڭنى سېنى پاناھ تارتقانلارغا، جاھان ئەھلى _ خەلقىئالەم ئالدىدا. 20 سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا، قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا، ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن. 21 ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا، چۈنكى ئۇ كۆرسەتتى ماڭا ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى، شەھەر قورشاۋدا قالغاندا. 22 دەككە-دۈككىدە دېگەنىدىم: «نەزىرىڭدىن مەھرۇم بولدۇم.» لېكىن ساڭا نالە قىلىپ يىغلىغىنىمدا، قۇلاق سالدىڭ پەريادىمغا. 23 ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، سۆيۈڭلار ئۇنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆزىگە سادىقلارنى، ئەمما قاتتىق جازالار ھاكاۋۇرلارنى. 24 ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار، غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti