Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


30-مۇناجات
مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى خۇداغا ئاتاش مۇراسىمىدا ئېيتىش ئۈچۈن داۋۇت يازغان مۇناجات

1 ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلايمەن سېنى، ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزدۇڭ مېنى. مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكە قويمىدىڭ دۈشمەنلىرىمنى.

2 ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، نالە قىلسام ساڭا، شىپالىق بەردىڭ ماڭا.

3 ئۆلۈكلەر ماكانىدىن نېرى قىلدىڭ جېنىمنى، گۆرگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىدىڭ مېنى.

4 ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا.

5 ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.

6 مەغرۇرلىنىپ دېدىم مەن روناق تاپقان چېغىمدا: «تەۋرەنمەسمەن ئەسلا.»

7 ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ ماڭا شاپائىتىڭنى، تاغدەك بۈيۈك قىلدىڭ مېنى. ئەمما بولدۇم ئالاقزادە، قاچۇرغىنىڭدا دىدارىڭنى.

8 ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىپ ساڭا، رەھىم تىلەپ دېدىمكى ئىگەم ساڭا:

9 ئۆمرۈم تۈگەپ، كەتسەم ئۆلۈكلەر ماكانىغا، نېمە پايدام تىگەر ساڭا؟ جەسىتىم جاكارلاپ سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭنى، ئوقۇيالارمۇ مەدھىيە ساڭا؟

10 ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن شەپقىتىڭنى قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، ئى پەرۋەردىگار، مەدەتكار بولغىن ماڭا.

11 ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى، سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى، باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.

12 شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا، ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan