زەبۇر 3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3-مۇناجات بۇ مۇناجاتنى داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەندە يازغان. 1 نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار. 2 دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن: «يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» سېلاھ 3 ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن. 4 پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ 5 ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا، ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا، تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا. 6 قورقماسمەن مىڭلىغان كىشىلەردىن، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىدىن. 7 ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ. 8 ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. سېلاھ |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti