زەبۇر 29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 ئەي پەرىشتىلەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى، تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى. 2 تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا، سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا. 3 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا، ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا. 4 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر. 5 جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى، شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان كېدىرلىرى. 6 جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى موزايدەك سەكرەپ كېتەر لىۋان تاغلىرى، كۆندۈرۈلمىگەن بۇقىدەك تاقلاپ كېتەر سىريون تېغى. 7 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چاقتۇرار چاقماقلارنى. 8 پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى، پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى. 9 ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار. 10 توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە، پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە. 11 پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti