زەبۇر 28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى28-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا، ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا. ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب، قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ. 2 مۇقەددەس جايىڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى، كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى، ئاڭلىغىن، ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى. 3 يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا. 4 جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ. 5 پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار رەزىللەرنى، ئەسلىگە كەلتۈرمەس قايتىدىن ئۇلارنى. چۈنكى ئۇلار كۆزگە ئىلماس خۇدانىڭ ئەجرىنى، پىسەنتىگە ئالماس ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى. 6 ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن پەرۋەردىگارغا، قۇلاق سالدى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجايىمغا. 7 قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا. 8 كۈچ-قۇدرىتىدۇر پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ، نىجاتلىق قورغىنىدۇر ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ. 9 ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغايسەن ئۆز خەلقىڭنى، بەرىكەتلىك قىلغايسەن ئۆزۈڭگە تەۋە بولغانلارنى، چوپانى بولۇپ باققايسەن مەڭگۈ ئۇلارنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti