زەبۇر 27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى27-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟ 2 رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم. 3 ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا، قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا. ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە، تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا. 4 ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.» 5 ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا. 6 ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا. شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى، قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا، ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا. 7 ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى قىلسام نىدا، كۆرسەتكەيسەن ئىلتىپات جاۋاب بېرىپ ماڭا. 8 «ئى پەرۋەردىگار، تەلپۈنىمەن پەقەت ساڭا» دېدىم مەن، دېگىنىڭدە «تەلپۈنگىن ماڭا». 9 قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى، تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى. بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم، تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم. 10 ۋاز كەچسىمۇ مېنىڭدىن ئاتا-ئانام، ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم. 11 ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. 12 تاشلاپ قويما رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە مېنى، باشلىدى بۇ ساختا گۇۋاھچىلار ماڭا قارشى ھۇجۇمنى، شۇنچە ياۋۇز، زەھەردۇر ئۇلارنىڭ تىللىرى. 13 يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا. 14 تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti