زەبۇر 26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى، ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى، تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى. 2 ئى پەرۋەردىگار، سىناپ كۆر، كۆزەت مېنى، پاكلىغىن مېنىڭ نىيەت، قەلبىمنى. 3 ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا، مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا. 4 شېرىك ئەمەسمەن يالغانچىلارغا، ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە. 5 يىرگىنىمەن پاسىقلاردىن، رەزىللەر بىلەن بولمايمەن بىرگە. 6 ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى. 7 شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى. 8 ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى. 9 گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى، قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى. 10 پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى، سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى. 11 مەن بولسام يوقاتمىدىم دىيانىتىمنى، ئىلتىپات قىلىپ، قۇتقۇز مېنى. 12 پۇتلىرىم تۇرار مېنىڭ بىخەتەر يەردە، تەرىپلەيمەن پەرۋەردىگارنى تەقۋادارلار جامائىتىدە. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti