Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


25-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات

1 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا سېغىنىپ ئوقۇيمەن دۇئا.

2 ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى.

3 شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.

4 ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا ئۇنىڭدا قانداق مېڭىشنى.

5 تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن.

6 ئى پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن رەھىمىڭنى، ئەزەلدىن كۆرسەتكەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى.

7 ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى، كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى.

8 شاپائەتلىك، ئادىلدۇر پەرۋەردىگار، شۇڭا توغرا يولغا باشلىنار گۇناھكارلار.

9 كەمتەرلەرنى يېتەكلەر دۇرۇس يولغا، ئۆز يولىنى ئۆگىتەر كىچىك پېئىللارغا.

10 توغرا يولغا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن باشلار، ئەھدىسى ۋە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگار.

11 ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ئۆز نامىڭنىڭ ھۆرمىتىنى، گۇناھلىرىم كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن مېنى.

12 ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.

13 بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشار ئۇ كىشى، زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى.

14 خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.

15 تىكىمەن دائىم پەرۋەردىگارغا كۆزلىرىمنى، تۇزاقتىن ئۇ تارتىپ ئالار پۇتلىرىمنى.

16 ھالىمغا باق ئى ئىگەم ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا، يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا.

17 دەرد-ئەلەملەر باسماقتا يۈرىكىمنى، شۇ دەردلەردىن قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى.

18 نەزىرىڭدىن ئۆتكۈزگىن ئازاب ۋە دەردلىرىمنى، كەچۈرگىن ئۆزۈڭ بارلىق گۇناھلىرىمنى.

19 دۈشمەنلىرىم نەقەدەر كۆپتۇر، قارا، ۋەھشىيلەرچە ئۆچ بولماقتا ئۇلار ماڭا.

20 قۇتقۇز ھەم قوغدىغىن ھاياتىمنى، شەرمەندە قىلما مېنى، باشپاناھىم بىلىمەن پەقەت سېنى.

21 دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى.

22 ئى خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزغىن ئىسرائىللارنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan