Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


24-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات

1 پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.

2 چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە قۇرغاندۇر جاھاننى، چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاندۇر ئۇنى.

3 پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟

4 ئىبادەت قىلالار قولى پاك، قەلبى ساپ بولغان، ساختىغا كۆڭۈل بەرمىگەن، يالغاندىن قەسەم ئىچمىگەن ئىنسان.

5 ئۇنداق ئادەملەر خۇدادىن بەخت تاپار، نىجاتكارى خۇدا تەرىپىدىن ئاقلىنار.

6 مۇشۇنداق ئادەملەر تەلپۈنەر خۇداغا، ئى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا، تەلپۈنگۈچىلەردۇر ئۇلار جامالىڭغا. سېلاھ

7 ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

8 بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ جەڭ مەيدانىدىكى قادىر پەرۋەردىگاردۇر.

9 ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

10 بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىردىنبىر شەۋكەتلىك پادىشاھتۇر. سېلاھ

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan