زەبۇر 23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى، كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى. 2 يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا، باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا. 3 ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا. 4 ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن، ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن، ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن. 5 دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا، ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا، بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا. 6 بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا، مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti