Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


22-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، «تاڭ سەھەردىكى چىشى جەرەن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟ ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.

2 ئى رەببىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى، ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى.

3 لېكىن سەن شۈبھىسىزكى، مۇقەددەستۇرسەن، ئىسرائىللارنىڭ مەدھىيەسىنى تەخت قىلىپ ئولتۇرغۇچىسەن.

4 ئەجدادلىرىمىز باغلىغاندۇر ساڭا ئىشەنچىسىنى، باغلىدى ساڭا ئىشەنچىسىنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ئۇلارنى.

5 نالە-زار قىلىپ رەببىم ساڭا ئامان قالدى ئۇلار، ساڭا ئىشەنچ قىلغانلىقتىن ئۇياتتا قالمىدى ئۇلار.

6 ئەمما، مەن ئىنسان ئەمەس بەلكى قۇرت كەبى، ئىنسانلار ئارىسىدا خار ۋە زەبۇندۇرمەن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەمسىتىلگەندۇرمەن.

7 كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:

8 «پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمىدى ئۇ ئۆزىنى، قۇتقۇزسۇن پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى. ئەگەر پەرۋەردىگار شادلانغان بولسا ئۇنىڭدىن، قېنى، قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن ئۇنى!»

9 لېكىن، سەن ئانامنىڭ قارنىدىن تۇغدۇردۇڭ مېنى، ئەمچەكتىكى چېغىمدىلا تايانچىم قىلغانىدىم سېنى.

10 مېنىڭ خۇدايىم ئىدىڭ مەن ئاپىرىدە بولغاندىلا، ساڭا تاپشۇرۇلغانىدىم قورساقتىكى چېغىمدىلا.

11 كەتمىگىن تاشلاپ مېنى يىراققا، كەلمەكتە كۈلپەتلەر قىستاپ مېنى، ياردەم قىلماس ھېچكىم ماڭا.

12 نۇرغۇن بۇقىلار قورشاۋغا ئالدى مېنى، باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى ئورىۋالدى ئەتراپىمنى.

13 ئولجا تالىشىپ ھۆركىرىۋاتقان شىردەك ئۇلار گويا، ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى خىرىس قىلىشىپ ماڭا.

14 گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم، ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم، گويا شام بولۇپ ئىچىمدە ئېرىدى يۈرىكىم، ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم.

15 قۇرىدى كۈچ-مادارىم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا، چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا، قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا.

16 قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر، ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار، پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.

17 كۆرۈنۈپ قالدى سۆڭەكلىرىم مانا، ھومىيىپ تۇرماقتا ئۇ رەزىللەر ماڭا.

18 بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى، چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى.

19 ئى پەرۋەردىگار، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا، مەدەتكارىم خۇدا تېزدىن ياردەم قىلغىن ماڭا.

20 قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى، ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى.

21 تارتىۋال مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن، تېنىمنى ياۋا بۇقىلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن.

22 جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا، مەدھىيەلەيمەن سېنى ئېتىقادچىلىرىڭ ئارىسىدا.

23 ئەي ئىخلاسمەنلەر پەرۋەردىگارغا، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار، ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار.

24 چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى خورلانغانلارنى، ئۇلاردىن يىرگەنمىدى ھەم يوشۇرمىدى ئۆزىنى، بەلكى، ئاڭلىدى ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى.

25 مەدھىيەلىرىمنىڭ ئىلھامىدۇرسەن بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا ئى خۇدا، ئادا قىلاي قەسەملىرىمنى ساڭا ئىخلاسمەنلەرنىڭ ئالدىدا.

26 ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى، خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.

27 يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.

28 بەرھەق، ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى تەۋەدۇر پەرۋەردىگارغا، ئۇ سەلتەنەت يۈرگۈزەر بارلىق مىللەت، ئەللەر ئارا.

29 سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار، تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار.

30 بولۇر بىر ئەۋلاد پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، ئىگە بولار ئۇچۇرغا ئەۋلادلار ئىگەم ھەققىدە.

31 جاكارلىنار كېيىنكى ئەۋلادلارغا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى، بايان قىلىنار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan