Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


21-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى پەرۋەردىگار، شادلىنار پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن، خۇشالدۇر ئۇ ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭدىن.

2 سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى، رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. سېلاھ

3 مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا، ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا.

4 ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.

5 زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە، بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە.

6 مەڭگۈلۈك بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭغا، ھۇزۇرۇڭدا چۆمدۈرىسەن ئۇنى شادلىققا.

7 بەرھەق، پادىشاھ ئىشەنچ باغلار پەرۋەردىگارغا، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە تەۋرەنمەس ئەسلا.

8 ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى، ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى.

9 تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.

10 يوقىتارسەن يەر يۈزىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قۇرۇتارسەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن نەسلىنى.

11 يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا، ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.

12 چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى، يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى.

13 ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى، ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan