Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


20-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 كۈلپەتتە قالغىنىڭدا پەرۋەردىگار جاۋاب بەرگەي نىدايىڭغا، ياقۇپنى يېتەكلىگەن خۇدا ساقلىغاي سېنى ئۆز پاناھىدا.

2 ياردەم بەرگەي مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن، يۆلىگەي سېنى سىئوندىن.

3 خۇدانىڭ يادىدا بولغاي ئاتىغان ھەدىيەلىرىڭ، قوبۇل قىلىنغاي ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ. سېلاھ

4 ئەمەلگە ئاشۇرغاي ئارمانلىرىڭنى، ئىجابەت قىلغاي كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىرىڭنى.

5 ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا، تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا. ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا.

6 بىلدىمكى، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى قۇتقۇزار خۇدا، مۇقەددەس ئەرشئەلادىن جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا، زور غەلىبە ئاتا قىلار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىدا.

7 بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.

8 يىقىلدى ئۇلار ھالاك بولۇپ، قەددىمىزنى رۇسلىدۇق بىز تىك تۇرۇپ.

9 ئى پەرۋەردىگار، غەلىبە ئاتا قىلغىن پادىشاھقا، جاۋاب بەرگەيسەن ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan