Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


2-مۇناجات

1 نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟ نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟

2 سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.

3 دەيدۇ ئۇلار: «ئۈزۈپ تاشلاپ ئۇلار سالغان كىشەنلەرنى، چۆرۈۋېتەيلى بوينىمىزدىكى سىرتماقلارنى.»

4 مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە، پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە.

5 ئەيىبلەر ئۇلارنى غەزەپ بىلەن، ۋەھىمىگە سالار قەھرى بىلەن.

6 دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»

7 ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.

8 سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى، تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى.

9 تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى، ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.»

10 ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى، ئەي پادىشاھلار، ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار.

11 پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار، شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.

12 ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan