Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


17-مۇناجات
داۋۇتنىڭ دۇئاسى

1 ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا، ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا.

2 «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، چۈنكى، كۆزۈڭ كۆرەر ئادىللىقنى.

3 سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.

4 ئەلا بىلىپ سېنىڭ تەلىملىرىڭنى، زوراۋانلارنىڭ يولىدىن تارتتىم ئۆزۈمنى، يۇقتۇرمىدىم يامانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى.

5 ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ، شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ.

6 ئى ئىگەم، ئىلتىجا قىلدىم ساڭا، جاۋاب بەرگەچكە سەن ماڭا. بېرىپ ماڭا دىققىتىڭنى، تىڭشىغىن سۆزلىرىمنى.

7 ماڭا بەخش ئەتكىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئى ئۆزۈڭگە تايانغانلارنىڭ نىجاتكارى، ھۇجۇمغا قالغانلارنىڭ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىسى.

8-9 كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى، مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن. قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى، قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.

10 تاشتەك قاتتىقتۇر ئۇلارنىڭ باغىرلىرى، چوڭ سۆزلەيدۇ ھەم ئېغىزلىرى.

11 پېيىمغا چۈشۈپ قورشاۋغا ئالدى مېنى، ئالماق بولۇپ ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى.

12 ئۇلار ئوخشار بۆكتۈرمىدە تۇرغان ياش شىرلارغا، ئوۋغا ھېرىسمەن شىر كەبى ئولجىسىنى تالاشقا.

13 ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.

14 ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.

15 ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan