زەبۇر 16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16-مۇناجات داۋۇت يازغان مىقتام 1 ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ. 2 دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا: «ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.» 3 ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ. 4 كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا. 5 پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر. 6 ئېسىل رىزىقلىرىڭ ماڭا تەقدىم قىلىنغاندۇر، سەن ئاتا قىلغان گۈزەل بەختىم بايلىقىمدۇر. 7 ھەمدۇسانا ئېيتىمەن نەسىھەتچىم پەرۋەردىگارغا، كېچىدىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەر قەلبىم ماڭا. 8 پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا، ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا. 9 شۇڭا روھىم شادلىقتا، خۇشاللىق بار قەلبىمدە، بىخەتەرلىك-ئامانلىق بەردىڭ مېنىڭ تېنىمگە. 10 بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە. 11 كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti