زەبۇر 15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى15-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا، كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟ 2 ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە: توغرا يولدا ماڭىدىغانلار، ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار، ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار، 3 باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار، دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار، قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار. 4 پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار. 5 جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti