Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 149 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


149-مۇناجات

1 ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا.

2 خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.

3 مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.

4 چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر، كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.

5 شادلانسۇن بۇ شۆھرەتتىن سادىق بولغانلار خۇداغا، ئېيتسۇن ناخشا خۇشاللىقتىن ئورۇنلىرىدا ياتقاندا.

6 چۈشۈرمەس ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئۇلۇغلاشنى خۇدانى، چۈشۈرمەس ئۇلار قوللىرىدىن قوش بىسلىق قىلىچلىرىنى.

7 ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى، بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى،

8 زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى، تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى.

9 ئىجرا قىلار پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى ئۇلارغا، مەنسۇپتۇر بۇ شەرەپ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا. ئوقۇڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan