Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 148 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


148-مۇناجات

1 پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! مەدھىيەلەڭلار ئەرشتىكىلەر خۇدانى، مەدھىيەلەڭلار ئاسمان-پەلەكتە ئۇنى.

2 مەدھىيەلەڭلار پەرىشتىلەر خۇدانى، ئەي ساماۋى قوشۇنلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى.

3-4 ئاي ۋە قۇياش، جىمى پارلاق يۇلتۇزلار، ئەرشئەلا ۋە كۆكتىكى ئەي سۇلار، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى ھەممىڭلار.

5 مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇ ئەمرى بىلەن ياراتقان ئۇلارنى.

6 پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى، بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى.

7 مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلار، ئەي چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلار.

8 مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.

9 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي تاغ ۋە تۆپىلىكلەر، كېدىر دەرەخلىرى يەنە مېۋىلىك دەرەخلەر.

10 مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار، ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار.

11 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر.

12 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى يىگىتلەر شۇنداقلا قىزلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي ياشانغانلار ھەم ياشلار.

13 مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى، ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى.

14 ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار، مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _ خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan