Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 147 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


147-مۇناجات

1 ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، ئىگىمىزنى كۈيلىمەك بەختتۇر بىزگە، خۇشاللىقتۇر مەدھىيە ئوقۇش خۇداغا، ھەمدۇسانالار لايىقتۇر ئۇنىڭ شەنىگە.

2 ئىگىمىز قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى، ئىسرائىلغا يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى.

3 كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.

4 خۇدا ئۆزى بەلگىلەيدۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى، ئايرىم نامدا ئاتىغاندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى.

5 رەببىمىز بۈيۈكتۇر، قۇدرىتى چەكسىز، دانالىقى ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز.

6 پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى، ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق-رەزىللەرنى.

7 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، قوشاق قېتىڭلار، قوشاقلارنى ساز لىرادا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار.

8 ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ، كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ، تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار.

9 خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.

10 ئۇ سۆيۈنمەس ئات كۈچىدىن، چەبدەس، چاققان ئادەم پۇتىدىن.

11 پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.

12 ئەي يېرۇسالېم، پەرۋەردىگارنى ئالقىشلا، ئەي سىئون، مەدھىيە ئوقۇ خۇدايىڭغا.

13 چۈنكى پەرۋەردىگار دەرۋاز تاقاقلىرىڭنى مەھكەم قىلار، سېپىل ئىچىدىكى پەرزەنتلىرىڭگە بەخت ئاتا قىلار.

14 ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر، ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر.

15 خۇدا يەر يۈزىگە ئەمر قىلار، ئەمرى تېز بېرىپ ئەمەلگە ئاشار.

16 پەرۋەردىگار ئاق يۇڭدەك ئاپئاق قارنى ياغدۇرار، نەپىس قىروۋنى پۈتكۈل زېمىنغا كۈلدەك چاچار.

17 مۆلدۈرلەرنى نان ئۇۋاقلىرىدەك چېچىۋېتەر، كىممۇ ئۇنىڭ سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرەر.

18 پەرۋەردىگار سۆزى بىلەن ئېرىتەر ئۇلارنى، شامىلى بىلەن ئاققۇزار سۇلارنى.

19 پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە، پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە.

20 پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan