Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 146 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


146-مۇناجات

1 ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئەي قەلبىم مەدھىيەڭنى ياغدۇر ئاڭا!

2 ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى، جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.

3 ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.

4 تىنىقى توختىشى بىلەنلا قايتار ئۇلار تۇپراققا، شۇ كۈنىلا بارچە پىلانلىرى چىقار يوققا.

5 بەختلىكتۇر ياقۇپنى تاللىغان خۇدانى مەدەتكارىم دەپ بىلگەنلەر، ئۈمىدىنى ئىگىسى پەرۋەردىگارغا باغلىغان ئادەملەر.

6 ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى، ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى.

7 يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.

8 ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى، رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى. سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى.

9 قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى، قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى. لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى.

10 ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە، ئەي سىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە. ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا!

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan