Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 145 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


145-مۇناجات
داۋۇت يازغان مەدھىيە كۈيى

1 ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى.

2 ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.

3 خۇدا ئۇلۇغ، ھەسسىلەپ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر.

4 ئەۋلادلاردىن-ئەۋلادقا قالار ياخشى ئىشلىرىڭ، تەرىپلىنەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قۇدرىتىڭ.

5 تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە، چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە.

6 داستان بولۇپ تارالغان كاتتا ئىشلىرىڭ تىللاردا، مەنمۇ بايان ئەيلەيمەن ئۇلۇغلۇقىڭنى دائىما.

7 ئۇلار ئەسلەپ، سۆزلىشەر شەپقىتىڭنى بەس-بەستە، ئادالىتىڭنى كۈيلىشەر ناخشا ئوقۇپ ھەۋەستە.

8 خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.

9 پەرۋەردىگار ھەممىگە ئىلتىپات قىلار، بارلىق يارتقانلىرىغا رەھىمدىل بولار.

10 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۇلار شۈكۈر ئېيتار، ساڭا سادىق بەندىلىرىڭ مەدھىيە ئوقار.

11 ئۇلۇغۋار ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەققىدە ئۇلار سۆزلەر، بۈيۈك قۇدرىتىڭنى ھەممە ئىنسانغا بايان ئەيلەر.

12 جاھان ئەھلىنى ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ بىلەن ئۇلار خەۋەردار قىلار، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك سەلتەنەتىنى مەلۇم قىلار.

13 پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

14 پەرۋەردىگار يۆلەر يىقىلغانلارنى، رۇسلار ئىگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى.

15 ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا، بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا.

16 جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىسەن، ئۇلارغا قولى ئوچۇق سېخىيدۇرسەن.

17 پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر.

18 پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر.

19 ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى.

20 قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى.

21 ھەمدۇسانالار چۈشمەس مېنىڭ ئېغىزىمدىن پەرۋەردىگارغا، پۈتكۈل جانلىقلار مەڭگۈ مەدھىيە ئوقۇسۇن مۇقەددەس نامىغا.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan