زەبۇر 144 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى144-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا، ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا. 2 ماڭا سادىق مەدەتكار، قورغىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، نىجاتكارىم، مۇستەھكەم قەلئەيىم ئۇ مېنىڭ. قالقىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا، بويسۇندۇرار ئۇ دائىم خەلقلەرنى قول ئاستىمغا. 3 ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك، ئادەم بالىسى نېمىدى سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟ 4 ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا. 5 كۆكنى يېرىپ چۈشكىن ئى خۇدا، ئىس-تۈتەكلەر چىقارغىن تاغلار ئارا. 6 چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى، تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى. 7 ئۇزىتىپ قولۇڭنى سەن كۆك باغرىدىن، تارتىۋالغىن مېنى خۇدا قاينام دەريا-سۇلاردىن، قۇتقۇزغىن ھەم مېنى ياتلار چاڭگىلىدىن. 8 ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى. 9 ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا، كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا. 10 سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن، بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن. 11 ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىل مېنى، ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى. 12 ئوغۇللىرىمىز ئوخشىغاي ياخشى ئۆسكەن كۆچەتلەرگە، قىزلىرىمىز ئوردا تۈۋرۈكلىرىدىكى نەپىس نەقىشلەرگە. 13 ئامبارلىرىمىز لىق تولغاي ئاشلىقلارغا، قويلىرىمىز سان-ساناقسىز كۆپەيگەي يايلاقلاردا. 14 كۆپ بولغاي ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى، ئەسىرگە چۈشمىگەي خەلقىمىزدىن ھېچبىرى. بۇزۇپ ئۆتەلمىگەي ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى، ئاڭلانمىغاي كوچىلاردىن زارلىنىش ئاۋازلىرى. 15 نەقەدەر بەختلىكتۇر، بۇنداق تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىنسانلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر، ئىگىسى پەرۋەردىگار بولغان قوۋملار! |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti