زەبۇر 143 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى143-مۇناجات داۋۇت يازغان مۇناجات 1 قۇلاق سالغىن پەرۋەردىگار دۇئايىمغا، موھتاج بولۇپ ساڭا قىلغان ئىلتىجايىمغا. ھەققانىيسەن پەرۋەردىگار، ساداقىتىڭدە جاۋاب بەرگىن مېنىڭ قىلغان مۇڭ-زارىمغا. 2 گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما. 3 ھاياتىمنى دەپسەندە قىلىپ دۈشمەنلىرىم، زىيانكەشلىك قىلماقتا بۇ جېنىمغا. ئۆلۈكلەر ماكانى قەبرىستاندەك، مەجبۇرلار مېنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققا. 4 شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى، ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى. 5 ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى، ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى. 6 قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. 7 ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار. 8 مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن. 9 قۇتۇلدۇر مېنى پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىلكىدىن، باشپاناھ ئىزدەپ كەلدىم يېنىڭغا، ئورۇن بەرگىن قوينىڭدىن. 10 ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى. 11 پەرۋەردىگار شۆھرىتىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن ئى ئىگەم، پالاكەتتىن ئازاد قىلغىن جېنىمنى. 12 ماڭا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ھالاك قىلغىن ئى ئىگەم، دۈشمەنلىرىمنى، خاراب قىلغىن ھەم جېنىمنى خار قىلغانلارنى. بەرھەق، مەن سېنىڭ بەندەڭ، قۇلۇڭدۇرمەن. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti