Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 142 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


142-مۇناجات
داۋۇت يازغان تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، ئۇ غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدا بۇ دۇئانى ئوقۇغان.

1 ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن، پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.

2 مەن ئۇنىڭغا دەردلىرىمنى تۆكىمەن، ھەم ئۇنىڭغا مۈشكۈللىرىمنى ئېيتىمەن.

3 رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ، روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ، ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.

4 پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.

5 ئى ئىلاھىم، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.»

6 ئى ئىگەم، پەريادىمغا قۇلاق سالغىن، ئەھۋالىم بەك ناچار-مۈشكۈلدۇر. قۇتقۇز مېنى ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىن، چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.

7 شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا، ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن. ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا، چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan