Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 141 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


141-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات

1 پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا، كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا، ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا.

2 قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى،

3 پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا، پوستا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا.

4 رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى، يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى. قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى، يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى.

5 مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى.

6-7 خۇددى قېزىلىپ چىققان تاشلاردەك سوقا يەرنى ئاغدۇرغاندا، ئۇستىخانلىرى چېچىلىپ ياتار گۆر ئالدىدا. تاشلىۋېتىلسە يارلاردىن ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى، ھەقىقەت بولغاچ سۆزۈم قالغانلار چۈشىنەر ئۇنى.

8 لېكىن، ئىگەم پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ قارايمەن ساڭا، سەندىن پاناھ ئىزدەيمەن، مېنى پاناھسىز قالدۇرما.

9 ساقلا مېنى ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرغان قىلتاقلىرىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن.

10 رەزىللەر چۈشسۇن ئۆزى قۇرغان تۇزاققا، مەن ئۆتۈپ كېتەي ئۇ خەتەردىن دائىما.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan