Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 140 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


140-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى، زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى.

2 يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە، جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە.

3 زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. سېلاھ

4 ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن، پۇتلىرىمنى ئامان قىلغىن زوراۋانلارنىڭ پۇتلىشىدىن.

5 يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. سېلاھ

6 پەرۋەردىگار «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم، قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا، ئى ئىلاھىم.

7 ئى رەببىم پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك نىجاتكارىمسەن، جەڭلەردە قالقان بولۇپ بېشىمنى قوغدىغانسەن.

8 ئى پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلمىغايسەن رەزىللەرنىڭ ئۈمىدىنى، ئەمەلگە ئاشۇرمىغايسەن ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى، بولمىسا ئۇلار چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ئۆزلىرىنى. سېلاھ

9 تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ، يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ.

10 قىپقىزىل چوغلار چۈشسۇن ئۇلار ئۈستىگە، تاشلىۋېتىلسۇن ئۇلار ئوتلار ئىچىگە، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭنىڭ تېگىگە.

11 يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.

12 بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار.

13 بەرھەق، ساڭا شۈكۈر ئېيتار ھەققانىيلار، ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ دۇرۇس يولدا ماڭغانلار.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan