Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


14-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1 ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا». يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى، ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا.

2 پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر، خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر.

3 ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان، بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان.

4 چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.

5 ھەققانىيلار بىلەن بىرگە بولغاچ خۇدا، ئەخمەقلەرنى ۋەھىمە باسماقتا مانا.

6 يوقاتماقچىمۇسىلەر ئارزۇلىرىنى ئېزىلگەنلەرنىڭ؟! ئەمما پەرۋەردىگار پاناھىدۇر ئۇلارنىڭ.

7 ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى! پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى، شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan