Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -

زەبۇر 138 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


138-مۇناجات
داۋۇت يازغان مۇناجات

1 چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر ئالدىدا.

2 مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا، ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا.

3 بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.

4 ئاڭلىغاچ ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئاپىرىن ئېيتار ساڭا ئالەمدىكى پادىشاھلار.

5 ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى، كۈيلەر ئۇلار ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى.

6 بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار، كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار، تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار.

7 يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.

8 ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى، مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى.

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti

Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Lean sinn:



Sanasan