زەبۇر 137 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى137-مۇناجات 1 دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا. 2 لىرالىرىمىز ئېسىقلىق تۇراتتى سۆگەت شېخىدا. 3 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن، كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا. جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.» 4 ياقا يۇرتتا قانداقمۇ ئېيتايلى ئۇنى _ پەرۋەردىگارنىڭ مۇناجىتىنى. 5 ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، قۇرۇسۇن ئوڭ قولۇم. 6 ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، سېنى ئەڭ زور خۇشاللىقىم دەپ بىلمىسەم، چاپلىشىپ قالسۇن تاڭلىيىمغا تىلىم. 7 ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.» 8 ئەي بابىللىق، ۋەيران بولغۇچىلار، بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار. 9 بەختلىكتۇر بوۋاقلىرىڭلارنى تاشقا ئاتقۇچىلار. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti