زەبۇر 136 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى136-مۇناجات 1-2 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ شاپائەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ھەممە «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 3 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق ھۆكۈمدارلاردىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 4 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، پەقەتلا ئۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 5 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 6 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 7 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ يورۇقلۇق تارقاتقۇچى جىسىملارنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 8 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈندۈزى پارلايدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 9 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 10 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، مىسىردا تۇنجى توغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 11 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 12 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 13 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىككىگە بۆلگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 14 پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دېڭىزنى يېرىپ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ چىققۇچىدۇر. ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 15 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 16 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 17 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كاتتا پادىشاھلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 18 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈچلۈك پادىشاھلارنى ھالاك قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 19 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 20 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ باشان پادىشاھى ئوگنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر، 21 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قوۋمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 22 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قۇللىرى ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 23 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 24 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قوغدىغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 25 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. 26 ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti