زەبۇر 135 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى135-مۇناجات 1-2 ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، ئىگىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرىدىغانلار، مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا. 3 مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار. كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار. 4 پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى. 5 بىلىمەن، بەرھەق پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، رەببىمىز غەيرىي ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. 6 ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا. 7 ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى. 8 ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى، يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى. 9 ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى، جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى. 10 ۋەيران قىلدى ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى، ئۆلتۈردى قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى. 11 ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى. 12 ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئاتا قىلدى ئۇلارنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا. 13 ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ. 14 خۇدا «گۇناھسىز» دەپ جاكارلار ئۆز قوۋمىنى، كۆرسىتەر ئۇنىڭ قۇللىرىغا ئۆز رەھىمىنى. 15 ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۇر يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرى، ياسىغاندۇر ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ قوللىرى. 16 ئۇلارنىڭ ئاغزى بار سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى بار كۆرەلمەس. 17 قۇلاقلىرى بار ئاڭلىماس، ئاغزىدا يوقتۇر نەپەس. 18 بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار. 19 ئەي ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ئەي ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار. 20 ئەي لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار. 21 پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا، ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا. |
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti